بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
إِذَا ٱلشَّمۡسُ كُوِّرَتۡ ١كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتۡ ٢يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، وَإِذَا ٱلۡجِبَالُ سُيِّرَتۡ ٣تاغلار گۇمران بولغان چاغدا، وَإِذَا ٱلۡعِشَارُ عُطِّلَتۡ ٤بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا، وَإِذَا ٱلۡوُحُوشُ حُشِرَتۡ ٥ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا، وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ سُجِّرَتۡ ٦دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا، وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ ٧جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا، وَإِذَا ٱلۡمَوۡءُۥدَةُ سُئِلَتۡ ٨تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا، بِأَيِّ ذَنۢبٍ قُتِلَتۡ ٩تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا، وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتۡ ١٠نامە - ئەماللار ئېچىلغان چاغدا، وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتۡ ١١ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا، وَإِذَا ٱلۡجَحِيمُ سُعِّرَتۡ ١٢دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا، وَإِذَا ٱلۡجَنَّةُ أُزۡلِفَتۡ ١٣جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا، عَلِمَتۡ نَفۡسٌ مَّآ أَحۡضَرَتۡ ١٤ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى - يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلۡخُنَّسِ ١٥كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن ٱلۡجَوَارِ ٱلۡكُنَّسِ ١٦كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن، وَٱلَّيۡلِ إِذَا عَسۡعَسَ ١٧قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن، وَٱلصُّبۡحِ إِذَا تَنَفَّسَ ١٨يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ ١٩قۇرئان ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي ٱلۡعَرۡشِ مَكِينٍ ٢٠ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ ٢١پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجۡنُونٍ ٢٢سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر وَلَقَدۡ رَءَاهُ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡمُبِينِ ٢٣ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى وَمَا هُوَ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ بِضَنِينٍ ٢٤ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَيۡطَٰنٍ رَّجِيمٍ ٢٥ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر فَأَيۡنَ تَذۡهَبُونَ ٢٦قەيەرگە بارىسىلەر؟ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٌ لِّلۡعَٰلَمِينَ ٢٧ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَسۡتَقِيمَ ٢٨سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٢٩پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق)