بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلۡغَٰشِيَةِ ١(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى وُجُوهٌ يَوۡمَئِذٍ خَٰشِعَةٌ ٢بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر عَامِلَةٌ نَّاصِبَةٌ ٣ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر تَصۡلَىٰ نَارًا حَامِيَةً ٤ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ تُسۡقَىٰ مِنۡ عَيۡنٍ ءَانِيَةٍ ٥(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ لَّيۡسَ لَهُمۡ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٍ ٦ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ لَّا يُسۡمِنُ وَلَا يُغۡنِي مِن جُوعٍ ٧زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ وُجُوهٌ يَوۡمَئِذٍ نَّاعِمَةٌ ٨بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر لِّسَعۡيِهَا رَاضِيَةٌ ٩بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ ١٠ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر لَّا تَسۡمَعُ فِيهَا لَٰغِيَةً ١١ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ فِيهَا عَيۡنٌ جَارِيَةٌ ١٢ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ فِيهَا سُرُرٌ مَّرۡفُوعَةٌ ١٣ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار وَأَكۡوَابٌ مَّوۡضُوعَةٌ ١٤ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار وَنَمَارِقُ مَصۡفُوفَةٌ ١٥ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار وَزَرَابِيُّ مَبۡثُوثَةٌ ١٦ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى ٱلۡإِبِلِ كَيۡفَ خُلِقَتۡ ١٧ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى، وَإِلَى ٱلسَّمَآءِ كَيۡفَ رُفِعَتۡ ١٨ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى، وَإِلَى ٱلۡجِبَالِ كَيۡفَ نُصِبَتۡ ١٩تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى، وَإِلَى ٱلۡأَرۡضِ كَيۡفَ سُطِحَتۡ ٢٠زېمىن قانداق يېيىتىلدى فَذَكِّرۡ إِنَّمَآ أَنتَ مُذَكِّرٌ ٢١سەن (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن لَّسۡتَ عَلَيۡهِم بِمُصَيۡطِرٍ ٢٢سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن إِلَّا مَن تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ ٢٣لېكىن كىمكى (ۋەز - نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (اﷲ نى) ئىنكار قىلىدىكەن، فَيُعَذِّبُهُ ٱللَّهُ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَكۡبَرَ ٢٤اﷲ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ إِنَّ إِلَيۡنَآ إِيَابَهُمۡ ٢٥ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ ثُمَّ إِنَّ عَلَيۡنَا حِسَابَهُم ٢٦ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز