ملة الإسلام

السورة 82 · 19 آية · Muhammad Saleh

سورة الانفطار باللغة الأويغورية

السورة بالعربية مع التفسير استمع إلى سورة الانفطار (1,366 قارئاً)
مكيةسورة الانفطار١٩ آية

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتۡ ١ئاسمان يېرىلغان چاغدا، وَإِذَا ٱلۡكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتۡ ٢يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ فُجِّرَتۡ ٣دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا، وَإِذَا ٱلۡقُبُورُ بُعۡثِرَتۡ ٤قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا، عَلِمَتۡ نَفۡسٌ مَّا قَدَّمَتۡ وَأَخَّرَتۡ ٥ھەر ئادەم ئىلگىرى - كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلۡكَرِيمِ ٦ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟ ٱلَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ ٧ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى فِيٓ أَيِّ صُورَةٍ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ ٨سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى كـَلَّا بَلۡ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ ٩ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر وَإِنَّ عَلَيۡكُمۡ لَحَٰفِظِينَ ١٠ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار كِرَامًا كَٰتِبِينَ ١١ئۇلار (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ يَعۡلَمُونَ مَا تَفۡعَلُونَ ١٢ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٍ ١٣مۆمىنلەر شەك - شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ، وَإِنَّ ٱلۡفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ ١٤كاپىرلار شەك - شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ يَصۡلَوۡنَهَا يَوۡمَ ٱلدِّينِ ١٥ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ وَمَا هُمۡ عَنۡهَا بِغَآئِبِينَ ١٦ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ ١٧قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ثُمَّ مَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ ١٨قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ يَوۡمَ لَا تَمۡلِكُ نَفۡسٌ لِّنَفۡسٍ شَيۡـًٔاۖ وَٱلۡأَمۡرُ يَوۡمَئِذٍ لِّلَّهِ ١٩ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىشى قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم اﷲ قا خاستۇر

الترجمة: Muhammad Saleh.