ملة الإسلام

السورة 86 · 17 آية · Muhammad Saleh

سورة الطارق باللغة الأويغورية

السورة بالعربية مع التفسير استمع إلى سورة الطارق (1,326 قارئاً)
مكيةسورة الطارق١٧ آية

بِسۡمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ ١ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ ٢تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ ٱلنَّجۡمُ ٱلثَّاقِبُ ٣ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر إِن كُلُّ نَفۡسٍ لَّمَّا عَلَيۡهَا حَافِظٌ ٤ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار فَلۡيَنظُرِ ٱلۡإِنسَٰنُ مِمَّ خُلِقَ ٥ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن خُلِقَ مِن مَّآءٍ دَافِقٍ ٦ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى يَخۡرُجُ مِنۢ بَيۡنِ ٱلصُّلۡبِ وَٱلتَّرَآئِبِ ٧ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجۡعِهِۦ لَقَادِرٌ ٨شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر) يَوۡمَ تُبۡلَى ٱلسَّرَآئِرُ ٩سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ ١٠ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر) وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجۡعِ ١١يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى، وَٱلۡأَرۡضِ ذَاتِ ٱلصَّدۡعِ ١٢يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى، إِنَّهُۥ لَقَوۡلٌ فَصۡلٌ ١٣قۇرئان شەك - شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر، وَمَا هُوَ بِٱلۡهَزۡلِ ١٤ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر إِنَّهُمۡ يَكِيدُونَ كَيۡدًا ١٥ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىدۇ وَأَكِيدُ كَيۡدًا ١٦مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن فَمَهِّلِ ٱلۡكَٰفِرِينَ أَمۡهِلۡهُمۡ رُوَيۡدَۢا ١٧(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)

الترجمة: Muhammad Saleh.